ماركو رۇبىيو: «ترامپ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتايغا كۈچلۈك ۋە ئېنىق سىگنال بەردى»

ئامېرىكانىڭ جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركو رۇبىيو، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 20 دەك ج خ ئورگىنى ۋە 8 خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقىنى مەدھىيەلەپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا كۈچلۈك ۋە ئېنىق سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماركو رۇبىيو بۇ يىل يازدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋېلبور روسقا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ داخۇئا، خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئېلىشنى، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلغان 24 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ، 7‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي، ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق، قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى، كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ياردەملەشكۈچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك ۋە ئېنىق سىگنال بەردى» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خەيكاڭ، داخۇئا، شاڭتاڭ تېخنولوگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ خىتاي كارخانىلىرى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن ياكى كومپارتىيەگە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئىستىبدات نازارەت سىستېمىسى قۇرۇشى ۋە زامانىۋى دەۋردىكى جازا لاگېرلىرىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەملەشكەن» دېگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 7‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دەك يەرلىك ج خ ئورگىنى ۋە خىتاينىڭ خەيكاڭ، داخۇئا، شاڭتاڭ، كۇئاڭشې شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 تېخنولوگىيە كارخانىسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. بۇ شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز تونۇش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىگىتال ئىستىبداتلىق سىستېمىسى قۇرۇشى، لاگېرلارنى بەرپا قىلىشىغا ياردەملەشكەن، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.