ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو «شىنجاڭ دورىگەرلىك شىركەتلىرى» نىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان
2024.11.04
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغۇچىلاردىن بىرى بولغان ماركۇ رۇبىيو، يېقىندا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روبېرت كالىفقا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى دورىگەرلىك شىركىتىنى قارار تىزىملىككە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
ماركۇ رۇبىيونىڭ مەكتۇپى ئامېرىكادىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 10-ئاينىڭ باشلىرىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قانۇن چىقىرىپ چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى خىتاي دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن يوللانغان.
بۇ دوكلات، ئامېرىكا دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈكلىرى ۋە سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ماركۇ رۇبىيو مەكتۇپتا مۇنداق دېگەن: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›، ئامېرىكا خەلقىگە سېتىۋالغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇللار ئەمگىكىسىز ياسالغانلىقىغا كاپالەت بېرىدۇ. ئېنىقكى، فېدېراتسىيە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى - FDA نىڭ نازارەتچىلىك جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. FDA ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ خەتەرلىك خاتالىقنى تۈزىتىش ھەم قانۇننى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. مەن ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ‹شىنجاڭ نوزۇلىن بىيو-دورىگەرلىك شىركىتى› بىلەن ۋە ‹شىنجاڭ SEL بىيو-خېمىيە شىركىتى›نى دەرھال ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تېخى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ خوڭكوڭنى مەركەز قىلغان «يىدا توقۇمىچىلىق گۇرۇھى» ۋە ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭ بىلەن تۇرپاندىكى ئىككى تارماق شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.