ماركۇ رۇبىئو، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇرلارنى قىيناشتا ئىشلىتىلگەن تيەندى شىركىتىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو 30-نويابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن، مالىيە مىنىستىرى يېللېن، سودا مىنىستىرى رايموندوغا خەت يېزىپ، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تەقىبلەش ۋە قىيناشتا ئىشلىتىلگەن خىتاينىڭ تيەندى تېخنولوگىيە شىركىتىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ماركۇ رۇبىئو تيەندى شىركىتىنىڭ تېخنىكىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تەقىبلەش ۋە قىيناشتا ئىشلىتىلىپلا قالماي، بۇ شىركەتنىڭ ئوخشاش تېخنىكىنى يەنە ئىران ھاكىمىيىتىگە ساتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇبىئونىڭ ئېيتىشىچە، ئ‍ىران ھاكىمىيىتى بۇ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىرانلىق تىنچ نامايىشچىلارغا قارشى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ماركۇ رۇبىئو خېتىدە، يېقىنقى دوكلاتلار تيەندى شىركىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەقىبلەش تۈزۈمىنى قوللىغانلىقىنى ئ‍اشكارىلىغانلىقى، بۇ، بېيجىڭنىڭ سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىمكانىيەت بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تيەندى يەنە تېخنىكىسىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىرتىدىكى باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان. مەن سىزنى تيەندىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق جازاسىدىكى ئىراننى ئومۇميۈزلۈك جازالاش، جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە يالغۇز قالدۇرۇش قانۇنى، يەرشارى ماگنىتسكى قانۇنى ۋە 2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قاراپ چىقىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن».

ماركۇ رۇبىئونىڭ ئېيتىشىچە، تيەندى كامېرا ۋە مۇناسىۋەتلىك سۈنئىي ئىدراك يۇمشاق دېتاللىرىنى تەتقىق قىلغان، ئىشلەپچىقارغان ھەم بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ مىللىتى ۋە ئ‍ىرقىنى بايقايدىغان يۇمشاق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ماركۇ رۇبىئو خېتىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تيەندىنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (XUAR) دىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئاساسلىقى مۇسۇلمان باشقا مىللەتلەرنى تەقىپلەۋاتقانلىقى ۋە قىيناۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان.