ماركۇ رۇبىيو ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىنى ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو 9-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ھارپىسىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان. «ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ سۇنغۇچىسى بولغان رۇبىيو بۇ چاقىرىقنى بۇ قانۇن لايىھەسى 8-دېكابىر ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلغان.

ماركۇ رۇبىيو تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىش ھەم بۇ جىناتيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنىدە، كېڭەش پالات ئەزاسى رۇبىيو قانۇن چىقارغۇچىلارنى ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىدۇ،» دېگەن. بۇنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ئاۋام پالاتاسى 428 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى قايتىدىن كېڭەش پالاتاسىغا يوللىنىدىكەن. بىراق كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۇنى قاچان قوبۇل قىلىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋىي رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراي پرېزىدېنت بايدېننىڭ قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئ‍ۇنىڭ «شىنجاڭ رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئەندىشىلەرگە ئورتاقلىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.