دونالد ترامپ ماركو رۇبىيونى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەن
2024.11.14
13-نويابىر كۈنى، ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى ئۆزىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
دونالد ترامپ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ماركو رۇبىيو ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر رەھبەر، شۇنداقلا ئۇ ئەركىنلىكنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسىدۇر. ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئادۋوكاتى، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي دوستى، شۇنداقلا دۈشمەنلىرىمىز قورقۇتالمايدىغان بىر جاسارەتلىك جەڭچىدۇر. مەن ماركو بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيانى قايتىدىن يۈكسەلدۈرۈشنى، شۇنداقلا تېخىمۇ بىخەتەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن!»
دونالد ترامپ باياناتىدا ماركو رۇبىيونىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىدا ئۇ باش بولۇپ لايىھەسىنى تۈزگەن ۋە قانۇن بولۇپ ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ماركو رۇبىيو 1971-يىلى فىلورىدا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كۇبالىق كۆچمەنلەردىن بولۇپ، دادىسى زىياپەت سورۇنلىرىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان، ئاپىسى ئائىلە ئايالى ھەم مېھمانخانا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. رۇبىيو كىچىكىدىن باشلاپلا ئېتىقاد، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە شەرەپلىك بىر خىزمەتنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتىكى ئەھمىيىتىنى چۈشەنگەن. رۇبىيونىڭ سىياسىي ساھەگە كىرىشىگە كۇبانىڭ كوممۇنىزم تەرىپىدىن قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بوۋىسىدىن ئاڭلىغانلىرى زور تەسىر كۆرسەتكەن.»
رۇبىيو ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتە يەنە، ئۇنىڭ ئاددىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى كونا سىياسىي سەرخىللار شەكىللەندۈرگەن تەرەپبازلىق ۋە قۇتۇپلىشىش ئۆتكەللىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، ئامېرىكادىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئامېرىكا ئارزۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو X ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا، دونالد ترامپنىڭ ئۆزىنى بۇ ۋەزىپىگە لايىق كۆرگەنلىكى ۋە ئىشەنچ قىلغانلىقىدىن غۇرۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆزىنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى جەزملەشكەندىن كېيىن، نۇرغۇن سىياسىي ئەربابلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تولىمۇ لايىقلىقىنى قەيت قىلىشقان.
«خىتاي مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) مۇ ماركو رۇبىيونى تەبرىكلىگەن. ئۇلار تەبرىكىدە ماركو رۇبىيونىڭ بۇ ئورگاننىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ماركو رۇبىيو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىشىشى ئۈچۈن، بۇ ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشىغا شەخسەن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغانلىقى مەلۇم.