دونالد ترامپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلماقچى ئىكەن
2024.11.12
ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپ كەلگۈسىدە تەشكىللەيدىغان ھۆكۈمىتىگە كىرىدىغان غوللۇق ئەزالارنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيونى ئامېرىكانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىمەكچى بولغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 11-نويابىر بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، قايتا سايلانغان پىرېزىدېنت ترامپنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان. ماركو رۇبىيو خىتاي، ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلاغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى بىلەن تونۇلغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، خىتايغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك جۇمھۇرىيەتچىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
2010-يىلى ئامېرىكانىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ماركو رۇبىيو ئىلگىرى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بىرىنچى قارارلىق ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىلا خىتايغا قارشى كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار خىتاينىڭ قەبىھ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ قانۇن 2020-يىل 6-ئايدا پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانىدى. ماركو رۇبىيو يەنە 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قانۇنغا ئايلىنىشىنى باشتىن ئاخىر قوللاپ كەلگەن.
ماركو رۇبىيو ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە خۇاۋېي شىركىتىگە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بايدېن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە بولسا، خىتاي شىركەتلىرىگە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ساتماسلىقنى، باش شىركىتى خىتايدا بولغان تىك توك شىركىتىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان.
2020-يىل 8-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ماركو رۇبىيو قاتارلىق 11 كىشىگە جازا يۈرگۈزگەنىدى.
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ 12-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئالدىدا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزات بولىدۇ دەپ قارالغان ماركو رۇبىيو، يەنىلا قايتا سايلانغان پىرېزىدېنت ترامپ يۇقىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى پىلانلىغان نامزات بولۇپ كەلگەن. دونالد ترامپ ئاخىرقى پەيتتە قارارىنى ئۆزگەرتمىسىلا، ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى ئاساسەن ئېنىق ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى دېموكراتلار ماركو رۇبىيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.