ماركو رۇبىئو خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋەھىمە ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.01.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان يېقىنى ھادىسىلەردىن قاتتىق چۈچۈگەنلىكىنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پەقەت ۋەھىمە سېلىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتنى كومىتېت رەئىسلىرىدىن كرىستوفېر سمىت ۋە ماركو رۇبىئو بىرلىكتە ئېلان قىلغان.

باياناتتا كرىستوفېر سمىت مۇنداق دېگەن: «پرېزىدېنت شى نىڭ قاتتىق ئىستىبداتلىق يولىغا قاراپ ئۆزگىرىشى، كىشىنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى ھادىسىلەرگە قارىغاندا، بۇنىڭ قاچان توختايدىغانلىقى ياكى ئەمدى كىمنىڭ نىشان قىلىنىدىغانلىقى ئېنىقسىز. ھەتتا چەتئەل ۋە خوڭكوڭ پۇقرالىرىمۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي بىخەتەر ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى.»

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ يېڭى قانۇنلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھوقۇقى بەرگەنلىكى، بۇنىڭ خىتاينى بارغانچە بىر گارنىزون دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماركو رۇبىئو مۇنداق كۆرسەتكەن: «قىسقىسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قانۇن بىلەن ئەمەس قورقۇتۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، مىليونلىغان خىتاي پۇقرالىرىنى بىز ئامېرىكالىقلار بەھرىلەنگەن نېگىزلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىلىنىش تەشنالىقىغا مۇپتىلا قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئارزۇلىرى قورقۇتۇش، تۈرمىگە تاشلاش، قىيىن - قىستاق ۋە ھەتتا ئۆلۈم جازالىرىغا دۇچ كەلدى.»

باياناتتا خىتاينىڭ يېقىنقى قىلمىشلىرى سۈپىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى، ئەمگەك ھوقۇقنى تەرغىباتچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى، چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشى، خىتاينى ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلىشى، چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ خورلىنىشى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىسى تۈپەيلى 31 - دېكابىر خىتايدىن مەجبۇرىي چىقىرىپ تاشلانغان فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسىلا گوتىير ۋەقەسى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان. باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «دېكابىردا فىرانسۇز مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىير شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق ھەققىدىكى ماقالىسى سەۋەبلىك خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.