خىتاي تاراتقۇلىرى خوتەن نىيەدە خەن سۇلالىسىگە ئائىت يادىكارلىقلار بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن
2022.12.22
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى 22-دېكابىر مەخسۇس سەھىپىلىك خەۋەر تارقىتىپ، خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسىدىكى بىر خارابىلىكتىن «خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى پادىشاھلىققا ئائىت بىر تامغا» قېزىپ چىقىلغانلىقىنى، نىيىدىن قېزىۋېلىنغان بۇ «سىخېفۇ تامغىسى» نىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ بۇ يەردە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئورگىنى قۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە «شىنجاڭ مۇزېيى» نىڭ ئوبزورچىسى نيې مېڭياۋنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىپ، «خەن سۇلالىسىدىكى ئىمپېراتور خەن ۋۇدى دەۋرىدە، چېگرا رايونلىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، غەربىي رايونلاردا قاراۋۇلخانا ۋە چېگرا قوغداش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقى، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ‹سىخېفۇ تامغىسى› نىڭ نىيەدىن تېپىلىشىنىڭ بۇ يەرلەرنىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ قاراۋۇلخانالىرى جايلاشقان ۋە ئۇلارنى تەمىنلەيدىغان رايونلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، ئارخېئولوگلارنىڭ نىيەدە خەن ۋە جىن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت بۇغداي دانلىرى، بۇغداي باشاقلىرى قاتارلىق باشقا يادىكارلىقلارنىمۇ بايقىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ «بۇ خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ چېگرانى قوغداپ، يەرلىكنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم تارىخى ئىسپاتى» دەپ يېزىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» نى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «ئۇيغۇر رايونى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن تەشۋىقاتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا قانداقتۇر «ئارخېئولوگىيەلىك ئىسپات» لىرىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. تېخى يېقىندا خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جىن سۇلالىسىگە ئائىت «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دېگەن ئەسەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قوليازما نۇسخىسىنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى جەمېس مىلۋارد ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا «بۇنداق ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار ۋە قەدىمىي ۋەسىقىلەر خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغانلىقى ۋە باستۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىمۇ قەدىمكى گرېك ۋە رىم ئىمپېرىيەسىگە ئائىت يادىكارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلاردا گىرېك، رىم تىل-يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ئۇچرايدۇ. بۇلار تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەزەلدىن گىرېتسىيە ياكى ئىتالىيەنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ» دەپ مىسال بەرگەنىدى.