ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تۈرمىدىكى جۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى


ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 25 - ئاۋغۇست كۈنى 2008 - يىلى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى يوللىغان دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ قولغا ئېلىنغان ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەشنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى مەھبۇبە ئابلەش، غەيرەت نىياز، ئىلھام توختى، مەمەتجان ئابدۇللا، ئەكبەرجان جامال، ئەكبەر ئىمىن قاتارلىق 17 نەپەر ئۇيغۇر ژۇرنالىست، تور يازغۇچىلىرى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مەھبۇبە ئابلەش، 2008 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا يەنى ئولىمپىك مەزگىلىدە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يوللىغان دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار تۈرمىسىدە ( 2 - تۈرمىدە) جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىستلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى باياناتلىرىدا مەھبۇبە ئابلەش قاتارلىق تۈرمىدىكى ئۇيغۇر جۇرنالىستلىرىنىمۇ قويۇپ بېرىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل باھانىلاردا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنى ۋە تور يازارلىرىنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا»، دېدى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2014 يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان، قۇتراقۇلۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان، دۆلەتنى پارچىلاشقا، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دىگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان ژۇرنالىستلار 44 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ 17 نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەن.