خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شتات سىرتىدا مەھەللە كومىتېتى خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.02.04

يېقىندا ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە شتات سىرتىدا مەھەللە كومىتېتى خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئېلانلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنى «تېخىمۇ زور بىر شۇملۇقتىن دېرەك بېرىدۇ»، دەپ قارىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ تارمىقىدا شتات سىرتىدا 17 خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان بېرىلگەن. بارىكۆل ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تورىدا بولسا مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شتات سىرتىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئېلانلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى سۆيىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قارشى تۇرىدىغان» بولۇشى شەرت قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىزچە ۋە يازما ئىمتىھانلارغا قاتنىشىدىغانلىقى، بۇ ئىمتىھانلارنىڭ «دۆلەت تىلى» دا بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ھەرقايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش» خىزمىتى جىددىي كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل «تەربىيەلەش» نۇقتىلىرىغا بارىدىغان كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى ئاھالىلەر كومىتېتى بېكىتىپ چىقىدىكەن. ئاندىن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى ئورۇنلار «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» نى ئىجرا قىلىدىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ نۆۋەتتىكى لاگېرلارنىڭ جىددىي زورىيىۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدىغان يەنە بىر ئەھۋال،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.