ئامېرىكادىكى «مەنبە ژۇرنىلى» تورىنىڭ 5-يانۋار بەرگەن بىر خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 2022-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق قىممىتى 46 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىمى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر تور ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات ئىكەن. خەۋەردە، چېگرادا تۇتۇپ قېلىنغان 46 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ 1090 دىن ئارتۇق يوللانما ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
«مەنبە ژۇرنىلى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇتۇپ قېلىنغان ماللاردىن قىممىتى 13 مىليون دوللارلىق 570 تىن ئارتۇق يوللانمىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغان، قىممىتى 27 مىليون دوللارلىق 340 يوللانما قويۇۋېتىلگەن، قىممىتى 6 مىليون دوللارلىق 180 يوللانما ھازىرمۇ تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.
خەۋەردە، ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى ھازىرغىچە تەكشۈرگەن يوللانمىلارنىڭ 17 پىرسەنتىنى مودا بۇيۇملىرىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقى، مودا بۇيۇملىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلاردىن قالسا ئەڭ كۆپ مىقدارنى ئىگىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلاردىن 2930 يوللانما ئامېرىكا پورتلىرىدا توختىتىپ قويۇلغانىكەن. خەۋەردە، مودا بۇيۇمى ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىدىن قالسا سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ 3-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، نۆۋەتتە بۇ خىل مەھسۇلاتلاردىن 1080 يوللانمىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «مەنبە ژۇرنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي بىلەن ۋىيېتنامدىن كەلگەنىكەن.
نۆۋەتتە، بايدېن ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىر يېرىم يىلدەك ۋاقىتتىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ جازالانغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 30 غا يېتىپ بارغان.