رەھىمە مەھمۇت ئەنگلىيەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنىڭ قانۇنىي تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.27

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى، د ۇ ق نىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمە كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئەنگلىيەدە ئۇيغۇ مەجبۇر ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنىڭ قانۇنىي تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

رەھىمە مەھمۇتنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ياكى شەرقىي تۈركىستاندا، «ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسەن بارلىق ساھەسىنىڭ قۇللار ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقىغا دائىر تاغدەك دەلىللەر بار» ئىكەن. رەھىمە مەھمۇت ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن سانائەت ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ پاختا توقۇلمىچىلىق ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت تاغدەك دەلىللەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنى ئەرز سۇنۇشىغا يول ئاچتى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىلگىرى لوندوندىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، «شىنجاڭ پاختا» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا كىرىشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە ئالىي سوتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا چىقارغان قارارىدا، تۆۋەن سوتنىڭ بۇرۇن چىقارغان قارارىنى ئاغدۇرۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ پاختا» مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رەھىمە مەھمۇتنىڭ كومىتېت ئەزالىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ئالىي سوتىنىڭ قارارى «پەۋقۇلئاددە مۇھىم» بولۇپ، ئۇلار بۇنى قورال قىلىش ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۆزلىمەكتىكەن. ئۇ: «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە ھازىرقىدەك ئەركىن كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بولۇپمۇ ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماقۇللىغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى كەسكىن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللانغان. ئۇ، ئەنگلىيەنىڭمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش بىر قانۇن چىقىرىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى «ئۈنۈملۈك قورال بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئەنگلىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە ب ب س نىڭ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىسى مايكېل رۇدېن، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇقلار تەتقىقات ئورنىنىڭ( لابوراتورىيەسىنىڭ) مۇئاۋىن دىرېكتورى، پىروفېسسور ئالېكساندىر تروتىرىمس گۇۋاھلىق بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.