فىرانسىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان
2025.02.06
فىرانسىيەنىڭ «دېكاتلون» (Decathlon) ناملىق دۇنيادىكى داڭلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە، دېكاتلوننىڭ خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىكى بىر مال تەمىنلىگۈچىسىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى مال تەمىنلىگۈچى شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پاروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغانلىقى مەلۇم بولغان. خەۋەرلەردە، دېكاتلوننىڭ فىرانسىيە خەلقى ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان ماركا تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى 70 تىن ئارتۇق دۆلەتتە 1700 دۇكىنى بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيەنىڭ «Disclose» ۋە «فىرانسىيە 2» ناملىق ئىككى ئاخبارات ئورنى دېكاتلوننى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدىغان «چىڭداۋ جىفا گۇرۇھى» ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بۇ تەكشۈرۈشكە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭمۇ ياردەم قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئادرىيان زېنز، لىنكدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ ماتېرىيال مەنبەلىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە تەھقىقلەشكە قاتناشقىنىنى بىلدۈرگەن. ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ «چىڭداۋ جىفا شىركىتى» ۋە يېڭىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان «شىنجاڭ شىروڭ شىركىتى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇپ، يوشۇرۇن تارتىلغان بىر ۋىدىيودا شىركەت خادىمى ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئامېرىكا «دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى» NBA نىڭ ماركىسى بېسىلغان بەزى بۇيۇملارنىڭمۇ، خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بىر شىركەتتە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېكاتلون شىركىتى 6-فېۋرال ئۆزلىرىنىڭ «چىڭداۋ جىفا گۇرۇھى» بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «كارخانىمىزدا ۋە قىممەت ئۆلچىمى ھالقىمىزدا ھەر كۈنى بىر پۈتۈنلۈككە كاپالەتلىك قىلىشقا، نېگىزلىك ھەقلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن. بۇ شىركەتنىڭ تەكىتلىشىچە، دېكاتلون ئىشلىتىۋاتقان پاختىنىڭ ھەممىسى «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىق شەكىللىرىدىن خالىي، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان مەنبەلەر» تەرىپىدىن تەمىنلەنمەكتە ئىكەن.