ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى: «ئۇيغۇر رايونىدا تىجارىتى بار چەتئەل شىركەتلىرى ئۇ رايوندىن ئايرىلىشى كېرەك»
2024.03.06
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر بىرلەشمە ئۇيغۇر ئېلىدە تىجارىتى بار چەتئەل شىركەتلىرى ۋە كارخانىلارنى ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىشكە، خىتاي دۆلىتى قوللاۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولۇشنى تۈگىتىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنى باستۇرۇشلىرى كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتۇش ۋە ئۇلارنى تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە تىجارىتى بار چەتئەل شىركەتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە كۆرۈنەرلىك زەربە بېرىدۇ ۋە ھېلىھەم يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، چەتئەلنىڭ خىتاي بىلەن شېرىكلەشكەن شىركەت ۋە كارخانىلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تىجارىتىگە قارىغاندا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە بەك رىئايە قىلىپ كەتمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بارغانسېرى جىددىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ بەكمۇ كەڭ ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا ئىكەن.