«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) 3-ئاينىڭ 14-كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ئۆتكەن يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كېلىش، تۇتۇپ قېلىنىش ۋە قايتۇرۇلۇش ئەھۋالى، شۇنداقلا ئۇ ماللارنىڭ قىممىتى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن بىرمۇ بىر كۆرسىتىلگەن.

بۇ مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكاغا توشۇلغان يۈك سانى 3237، قايتۇرۇلغىنى 424، قويۇپ بېرىلگىنى (چېگرادىن كىرگۈزۈلگىنى) 1090، توشۇلغان ماللارنىڭ قىممىتى 961 مىليون دوللار ئىكەن. بۇ ماللارنىڭ ئىچىدە ئېلىكتېر سايمانلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا پاختا-توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، دورىگەرلىك ماتېرىياللىرى، ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىقلار ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىشتا بەزى يوچۇقلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى كېچىكىپ بايقالغانىدى. مەسىلەن، بىڭتۇەن ئىشلەپچىقارغان چىلان مەھسۇلاتلىرى باشقا جايدا قاچىلىنىپ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورگانلار بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇنى دەلىللەپ چىققاندىن كېيىن ئۇنى چەكلەش تەدبىرى قوللانغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.