كانادا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.04.27

كانادانىڭ ئەمگەك مىنىستىرى كېلەر يىلى بىر قوشۇمچە قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا ئىمپورت قىلىنىشىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى بۇ قوشۇمچە قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

كانادا ئەمگەك مىنىستىرى سىمۇس ئورېگان (Seamus O'Regan) «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قوشۇمچە قانۇننىڭ كېڭەش پالاتاسىدا كۆرۈلۈۋاتقان S-211 قانۇن لايىھەسىگە قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرىقى قانۇن كانادا شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارا دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى بولۇپ، ئۇنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا قىلغان باياناتىدا، يۇقىرىقى بۇ قانۇننىڭ كانادا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ پايدىسىغا شېرىك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم قەدەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.