ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى CBP ئامېرىكادىكى ئىمپورت شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا مەزكۇر قانۇن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن «ئىمپورت شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ بۇ قانۇننىڭ تەتبىقلىنىش ئوبيېكتىدىكى بۇرۇن ئىمپورت قىلىنىپ كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئىمپورت قىلغۇچىلارنى تەمىنات زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىۋېتىشكە ئۈندەيدىكەن».
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزالىغان مەزكۇر قانۇندا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى كومىسسارىنىڭ «ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ قانۇندىكى كونكرېت تەلەپلەرنى بەجا كەلتۈرۈشى، ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن مال، مەھسۇلات، تاۋار ياكى ئەشيالارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى قارار قىلىشى» تەلەپ قىلىنغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇقتۇرۇشتا يەنە بارلىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە بۇيرۇق بىلەن ئىشلىتىش، ئىشچى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىش، بالا ئىشچىلارنى زورلۇق بىلەن ياكى مەجبۇرىي ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىشكە بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، شىركەتلەرنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى دەرھال ۋە ئاكتىپلىق بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.