ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي ئىشلار ھەمدە سودا مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-05-16
Share

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىرىنىڭ 15-ماي يەكشەنبە كۈنى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قانداق خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىەەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ 16-ماي دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان قوشما باياناتىدىمۇ «مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىش»، شۇنداقلا تېخنولوگىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە سۈيىئىستىمال قىلىشتا، ھەر خىل شەكىلدىكى باستۇرۇش ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئىلىتىلىتىلىشىگە قارشى تۇرۇش تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.

ئامېرىكا-ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ۋە تېخنولوگىيە كېڭىشىنىڭ 2-نۆۋەتلىك بۇ يىغىنىغا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن، سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى ۋالدىس دومبروۋىسكىس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت ۋە دىگىتالغا مەسئۇل كومىسسارى مارگرېتې ۋېستاگېر، فرانسىيا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى لې دېرىيان قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسسارى ۋالدىس دومبروۋىسكىس سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئىتتىپاقداشلارنىڭ «بايانلاردىكى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە كەڭ ئومۇملىشىپ، چوڭ ئەندىشىگە ئايلانغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ،» دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئامېرىكانىڭ «بارلىق ھوقۇقى ۋە بايلىق مەنبەسىنى ئىشلىتىپ»، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت