2024-يىللىق «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەمدە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىشقا چېتىلغان شىركەتلەرنىڭ بولۇشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى قاتارىدا خىتاينىڭ «Hisense»، «Alibaba» ۋە بىۋايدى(BYD) قاتارلىق شىركەتلىرى بار ئىكەن.
ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان «Hisense» شىركىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چىڭداۋ خۇاتوڭ گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى ئىكەن. بۇ شىركەت خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزور ئىشلەپچىقارغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەلىبابا شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىرقچى خاراكتېرلىك چىراي تونۇش يۇمتالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. خىتاينىڭ «بىۋايدى» توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاليۇمىن قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يۇقىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتلىرىدا تەپسىلىي ئورۇن ئالغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن مىليونلىغان توپ مەستانىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان «ياۋروپا لوڭقىسى» نىڭ بۇ پاكىتلارغا قارىماي ئاشۇ شىركەتلەرنى قوللىغۇچى شىركەتلەر قاتارىدا كۆز-كۆز قىلغانلىقى مەلۇم.
ئەنگىلىيەدىكى «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفېرد (Luke de Pulford)18-ئىيۇن «X» تە يازغان ئىنكاسىدا «ياۋروپا لوڭقىسى» نىڭ ھەرىكىتىنى «سەمىمىيەتسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈك» بىلەن ئەيىبلىگەن.