«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ بېكىتكەن ماللارنى تۇتۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى ئەڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى دۇنيادىكى پاختىنىڭ 20 پىرسەنتى خىتايدىن كېلىدىكەن، خىتايدىكى پاختىنىڭ 80 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىكەن.
داڭلىق كىيىم-كېچەك كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرى ناھايىتى كەڭ ئىكەن. پاختىنى چىگىتتىن ئايرىغان چاغدا ھەر قايسى جايلاردىن كېلىدىغان پاختىلار بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى ئاسان ئايرىغىلى بولمايدىكەن.
شۇنداقتىمۇ ھازىر پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلايدىغان تېخنىكا شىركەتلىرى بۆلەك زەنجىرى (block chain) ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىز قوغلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى تەكشۈرەلەيدىكەن.
Trus Trace شىركىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داڭلىق ماركىلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا «شىنجاڭ پاختىلىرى» نىڭ ئارىلىشىپ قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ پاختا چىقىدىغان جايدىن تارتىپ مەھسۇلاتقا ئايلانغۇچە پۈتۈن مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن.