خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن بىر ۋاقىتتا، يەركەن ناھىيەسىنىڭ جايتېرەك كەنتىدىكى 1800 ئاھالىنىڭ شۇ كەنتتىكى كارخانىلاردا ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو 26-ئاۋغۇست يەركەن ناھىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ كەنتنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى ئەمگەك، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىكى بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىنى تېخمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» نامىدا باشقا جايلارغا يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپتىن «جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يېزا-كەتلەرگە كارخانانىلارنى قۇرۇپ، قەپ قالغانلارنى بۇ كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. چەت ئەل مۇتەخەسىسسلىرى خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر نۇپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە يەركەن ناھىيەسىنىڭ يەركەن كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق جايتېرەك كەنتىدىكى 1800 نەپەر ئاتالمىش «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
بۇنىڭ مەزكۇر كەنتتىكى ئاھالىلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خەۋەردە چېن چۈەنگونىڭ يەنە يەركەن ناھىيەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش باغچىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «ئەمگەك زىچلىقى يۇقۇرى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش» نى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.