ئەنگلىيە پارلامېنتىدا كۈنتاختا ۋە لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مۇزاكىرە قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.06

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 5-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، خىتاينىڭ كۈنتاختا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ماتېرىياللىرىدىن پولىسىلىكون ۋە لىتىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مۇنازىرە قىلىنغان. خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-سېنتەبىر ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە پىلانى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ كۈنتاختا ۋە لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا پالاتا ئەزاسى ئىيان دۇنكان سىمىت، مۇتلەق زور سالماقتىكى پولىسىلىكوننىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى بويىچە بۇ مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ئۈچۈن قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى سورىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى جوناتان رېينولد، دانكىن سىمىسنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەرقانداق بىر ھالقىسىدا…. قۇللار ئەمگىكىنىڭ بولماسلىقىنى كۈتىدىغانلىقى ۋە تەلەپ قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي كاپالەت بەرگەن.» ھالبۇكى يىغىندا يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ساراھ شامپىيون، ھۆكۈمەتنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پۈتۈنلەي خالى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ساراھ شامپىيون مۇنداق دېگەن: «شۇ ناھايىتى ئېنىق ھۆججەتلەشكەنكى، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرى ناھايىتى شەرمەندىلەرچە مەجبۇرىي ئەمگەككە تايانماقتا. بۇ جايدا خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى دىنىي ۋە مىللىتى سەۋەبىدىن سىستېمىلىق جازالاۋاتىدۇ.»

ساراھ شامپىيوننىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۈنتاختىغا ئىشلىتىلىۋاتقان پولىسىلىكوننىڭ 35 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئىلىدا ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىكەن. ئۇ، ئەنگىلىيەنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش كۈچلۈك قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.