ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-09-16
Share

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇتلارنى چەكلىمەكچىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن 15-سېنتەبىر كۈنى پارلامېنتتا قىلغان نۇتۇقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئۇرسۇلا ۋون دېرلېيېن خانىم نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى يەر شارى خاراكتېرلىق تىجارەتنى قوللىسىمۇ، بىراق بۇنى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكى بەدىلىگە يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ. نۆۋەتتە مەجبۇرىي ئەمگەككە زورلىنىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان 25 مىليون ئادەم بار، بىز بۇ كىشىلەرنىڭ ياۋروپادىكى دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز.»

گەرچە ئۇرسۇلا خانىم نۇتۇقىدا خىتاينىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدىكى بايانات ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق دوكلات نۇتۇقىدا قىلغان سۆزىدىكى بىر قانچە مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ پارلامېنتتىكى باياناتى ياۋروپا پارلامېنتى سىياسىيونلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭغا قاتتىق قول بولۇشى كېرەكلىكىدەك مەيدانىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسىگە ئائىت مەسىلىلەردە خىتايغا كەسكىن مۇئامىلىدە بولۇشنى كۆزلىمەكتىكەن. ئۇرسۇلا خانىممۇ نۇتۇقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، جۈملىدىن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە بېيجىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى رايونىدا رىقابەت خاراكتېرلىق سودا ۋە ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسى ئورنىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت