«كۈندىلىك چاقىرىق گېزىتى» (Daily Caller) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئايدىن بۇيان چەت ئەللەردىكى ئىستېمالچىلار ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئادىداس شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئادىداس شىركىتىنىڭ خىتايدىكى پايدىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن.
ئادىداس شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسىلىدە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىن كەلگەن كىرىمىنىڭ 15 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى دوكلات قىلغان. «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى پەسىلىدە ئادىداس شىكىتىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان پايدىسىدا 16 پىرسەنت تۆۋەنلەش بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن چەت ئەل شىركەتلىرى يەنىلا خىتاي بازىرىغا باغلىنىپ قالغان بىر ۋاقىتتا، H&M شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتلىپ قالماسلىق ئۈچۈن 2020-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىققان. «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادىداس ۋە نايكى شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرلىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلتىشنى يەنىلا داۋام قىلغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بۇ يىل 7-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى ئامېرىكانىڭ مەبلىغى بىلەن تەمىنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.