ئاقسۇ توقۇمىچىلىق ساھەسى 15 مىليارد سوملۇق مال توختامى تۈزگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-19
Share

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھىرى (تەرەققىيات رايونى) يېقىندا سودىگەر چاقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسى، گۇاڭجۇ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسى بىلەن ئۈچ چوڭ توختام ئىمزالىغان. بۇ توختاملارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 15 مىليارد سوم (تەخمىنەن 2. 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدە بولۇپ ئاساسلىقى كىيىم-كېچەكلەرگە لازىملىق رەخت توقۇمىچىلىقى ۋە ئۈسكۈنە ياساش ساھەسىگە چېتىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تارىخىدىكى بەكمۇ زور سوممىلىق بىر قېتىملىق مال توختامى ئىمزالاش بولۇپ، ۋىلايەت رەھبەرلىرى تولۇق قاتناشقان. خەۋەردە بۇنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىنى گۈللەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بەكمۇ كەڭ دەرىجىدە ئومۇملىشىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ھەرقايسى جايلاردىن يۆتكىلىپ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغانىدى. بۇ غايەت زور سوممىلىق توقۇمىچىلىق توختامى نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك ئەمگەككە دائىر بەزى رېئاللىقنى پاش قىلغان، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى راىيو زىيارىتىمىز جەريانىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر رايونىنى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى ۋە توقۇمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ جايدا بۇنىڭغا كېرەكلىك خام ئەشيا ۋە ئەمگەك كۈچى يېتەرلىك دەرىجىدە مەۋجۇت» دېگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت