ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2024.11.26
ب د ت نىڭ 13-نۆۋەتلىك يىللىق سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى سورالغان. ب د ت تورى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-نويابىردىن 27-نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدىكى دوكلات بېرىش ۋە سوئال-جاۋاب قىسمىدا، خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە سانائىتى ساھەسىدە كەڭ مەۋجۇت بولغان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ب د ت نىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ قېتىملىق يىغىنىغا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي مەسلىھەتچىسى لاۋرا مۇرفېگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئادرىيان زېنزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدىن، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن دوكلات بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر 25-نويابىردىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانداق ھوشيارلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سوراپ، بۇنىڭ كۈنتاختا ۋە باشقا يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى تەمىنلەش زەنجىرىگە تاقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە، ب د ت نىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا. بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى» نىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى» داۋاملىق كېڭىيىپ، «شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى» غا ئايلانغان.