خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» نى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.12.16

يېقىندا «شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنى «ھېچقانداق ئاساسسىزلا شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت› دېگەندەك ئاساسسىز يالغان-ياۋىداقنى ئويدۇرۇپ چىقارغان» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 15-دېكابىر كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خەلقنىڭ «بەختلىك تۇرمۇش» نى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپ قاراپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى» ئىكەنلىكىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتايدىكى ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردىن كەلگەن كىشىلەر، شۇنىڭدەك 44 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن چەت ئەللىك مېھمانلار قاتناشقان. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»، پاكىستان ۋە يەمەننىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىلىرى يىغىندا سۆز قىلىپ، بۇ يىغىن ئارقىلىق «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دۇنياغا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېخىمۇ كۆپ «ھەقىقىي ئەھۋالى» نى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدەك بۇ رايوندىكى «ئىناقلىق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات» نىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ خىتاي ئىجرا قىلغان «ئىلمىي تەدبىر ئارقىلىق يېتەكلەش» نىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ۋاھالەنكى، نويابىر ئېيىدا ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 29 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالىغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 107 گە يەتكەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ۋە سالمىقىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.