ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايغا بېرىلگەن «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى» سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.14

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مولىنار (John Moolenaar) 14-نويابىر كۈنى «ئادىل سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى» نى تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن 2000-يىلى 5-ئايدا خىتايغا بېرىلگەن «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى» سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

باياناتتا رەئىس جون مولىنار مۇنداق دېگەن: «خىتايغا بېرىلگەن ‹مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى› سالاھىيىتى دۆلىتىمىزگە زىيان سالدى. ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىمىزنى ۋەيران قىلدى، پۈتۈن خىزمەت پۇرسەتلىرىنى باش رەقىبىمىزنىڭ تارتىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. خىتاي كومپارتىيەسى بىزنىڭ بازىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئادىل رىقابەتنى ئۆگىنىشىگە بېرىلگەن سالاھىيەتكە خىيانەت قىلدى.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئادىل سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى خىتاينى ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان دائىملىق نورمال سودا مۇناسىۋىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدايدۇ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سىجىللىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكاغا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇ رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى دېموكراتىيە يولىغا باشلاشتەك مەقسەت بىلەن 2000-يىلى ئۇنىڭغا «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى» سالاھىيىتى بەرگەن ئىكەن. بۇ سالاھىيەت چەت ئەللەر بىلەن ئەركىن سودا قىلىشتىكى قانۇنىي بەلگە ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ «ئادىل سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى» لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتا نۇسخىسىنى بۇ يىلنىڭ بېشىدا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتتىن، ماركو رۇبىيو ۋە جوش خاۋلېي تونۇشتۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.