خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش ۋەقەسى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.28

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ ئايدا قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇلاردا خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇن ھالدا ئېلىپ بارغان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى بىر ھەپتىدىن بۇيان بىر قىسىم تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىنمۇ خەۋەر قىلىندى.

تۈركىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 4 چوڭ گېزىتنىڭ بىرى بولغان ۋە ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قارىتا مايىللىقى بىلىنگەن يېڭى شەپەق گېزىتى تۈنۈگۈنكى سانىدا مەزكۇر ھەرىكەتنى «شەرقى تۈركىستاندا مەسچىت بىت-چىتى» دېگەن تېمىدا خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 3500 چە مەسچىتنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. مۇسلىم پورت ناملىق خەۋەر تورى ۋە يېڭى ئاقىت گېزىتى، مۇقىملىقنى ساقلاشقا قۇربى يەتمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچىنى مەسچىتتىن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردە يەنە، مەزكۇر مەسچىت چېقىش ۋەقەسىنىڭ يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە بىر جاراھەت پەيدا قىلغانلىقى، بۇ جاراھەتنىڭ چوقۇم بۇندىن كېيىنكى جەمئىيەت ھادىسىلىرىدە ئەكس ئېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۈركچە چىقىرىلىۋاتقان ئۇيغۇرنېت تورى مەسچىت چېقىش ۋەقەسى ھەققىدە ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەرنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.