«ئارسېنال» پۇتبۇلچىسى مەسئۇت ئۆزئىل خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى مۇھىم مۇسابىقىدە ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان

«ئارسېنال» كۇلۇبىنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى مەسئۇت ئۆزىل «ئارسېنال» كۇلۇبىنىڭ خىتايدىكى مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ تۇرۇپ، ئۆزىنى «چولپانلار بىرلەشمىسى» ۋە «ياۋروپا بىرلەشمە» مۇسابىقىسدا ئويناشقا تاللىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پۇتبول مەستانىلىرىگە يازغان بىر پارچە خېتى ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئىككى مۇسابىقىدە كوماندىغا ئېلىنمىغانلىقىنى ۋە ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ بۇنداق قارار ئېلىشىغا خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەت تىجارىتى سەۋەب بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

گېرمانىيەلىك تۈرك پوتبولچى مەسئۇت ئۆزئىل 2019-يىلى دېكابىردا ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان مۇسۇلمان دۇنياسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. مەسئۇت ئۆزىل بۇ باياناتى بىلەن خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مەسئۇت ئۆزئىلنىڭ مەردانىلىقىنى تەبرىكلىگەن. بىراق ئارسېنال كۇلۇبى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، مەسئۇت ئۆزىلنىڭ كۆز قارىشىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ۋەقەدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، مانچېستېر ۋە ئارسېنال كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنى خىتاي مەركىزى تېلىۋزىيە قانىلىدا تارقىتىشنى بىكار قىلغان.

مەسئۇت ئۆز ئىل ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان يازمىسىدا ئۆزى سادىقلىق بىلەن توپ ئوينىغان ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ قارارىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ، ئادالەتنى ياقىلاشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «مەن سىزگە ۋەدە بېرەلەيمەنكى، بۇ قارار مېنىڭ ئىدىيەمدە ھېچنېمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق مەشىق قىلىمەن، ئىمكانقەدەر ئاۋازىمنى قەبىھلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئادالەتنى ياقىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن» دېگەن.