خىتاينىڭ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» ناملىق يەنە بىر مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يەنە بىر مەخپىي ھۆججىتى17‏-فېۋرال كۈنى غەرب تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيادا يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىدى.

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەت خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان لاگېرلار ھەققىدىكى 400 بەتلىك ۋە 28 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان 3‏-قېتىملىق پارتلاش خاراكتېرلىك يەنە بىر دەلىل، دەپ كۆرسىتىلمەكتە.

137 بەتلىك مەزكۇر ھۆججەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك دەلىللەر يەر ئالغان. مەزكۇر ھۆججەت خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر ئىجتىمائىي رايوندىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىشلىق 3000دەك كىشىنىڭ ئارخىپى بولۇپ، بۇ ھۆججەت شۇ تەۋەلىكتىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۈندىلىك ھاياتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، خاراكتېرى، ئىپادىسى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى، قامىلىش، كېسىلىش سەۋەبى قاتارلىق نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھۆججەت بۇرۇن قىسمەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم مەزكۇر ھۆججەت ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئامېرىكادىكى «ۋايىس» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۆججەتنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تەمىنلىگەن بولۇپ، خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى ۋە غەربلىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تەكشۈرۈشى، تەھقىقلىشى ئارقىسىدا ئۇنىڭ چىنلىقى مۇقەررەرلەشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئىكەن. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنز چەتئەل تاراتقۇلىرىغا قىلغان مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدىكى سۆزىدە: «بۇ ھۆججەت بېيجىڭنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەنئەنىلىرىنى باستۇرغان ۋە جازالىغانلىقىغا دائىر مەن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدىغان يىتۈك بىر ھۆججەتتۇر،» دېگەن.

مەزكۇر ھۆججەت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. ۋاڭ يى ئۆتكەن جۈمە كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكۇ مائاس بىلەن ميۇنخېندا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگېرى ۋە بىر مىليون ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي «ئۆسەك سۆز» ھەم «ساختا خەۋەر» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت