بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 30-ئاۋغۇستتا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىپ خىزمەتتىن ئايرىلدى. دۇنيادىكى ھەر ساھە كىشىلىرى كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بېسىپ قويۇلغان دوكلات داۋاملىق ھالدا بېسىلىپ قالغانچە يېڭى غۇلغۇلا قوزغالدى.
«فىرانسىيە 24» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت 30-ئاۋغۇستتا خىزمەتداشلىرى بىلەن خوشلاشقان ھەمدە ئۆتكەن تۆت يىللىق ئالىي كومىسسارلىق خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرغان. ئۇ 2021-يىلىلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن بۇنى بېسىپ قويغانىدى. كېيىنچە بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ھەققىدە بىرنەچچە قېتىم سۈرۈك بېكىتىلگەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا بۇ دوكلات يەنىلا بېسىپ قويۇلغان.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەلچىسى رىتا فرېنچ (Rita French) شۇ كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ مىشېل باچېلېتقا يوللىدى. باياناتتا ئۇ مىشېل باچېلېتنىڭ ئۆتكەن مەزگىلدىكى خىزمەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىنى، جۈملىدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتنى خىزمەتتىن ئايرىلىش ئالدىدا بولسىمۇ ئېلان قىلىۋېتىشى لازىملىقىنى، چۈنكى بۇ دوكلاتنىڭ كومىتېت ئۈچۈن بىر مۇستەقىل سادا ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنمىغانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.