سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس: بايدېن 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن يۆتكەشنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-07-15
Share

ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدىن باشقا شەھەرگە يۆتكىلىشى كېرەك»، دېگەن. ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ساھىبخانىلىق قىلىدىغان بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرۇشقا ۋە بۇ تەشەببۇسقا باشلامچىلىق قىلىشقا چاقىرغان.

مايك پەنس بۇ سۆزلەرنى 14-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى «مىراس فوندى» دا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«پرېزىدېنت بايدېن ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىسە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى دەرھال توختاتمىسا، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن يۆتكەشنى ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا تەلەپ قىلىشى كېرەك».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

«ئولىمپىك پەقەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەردىلا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك».

«دۆلەت مەجلىسى» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزى نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. پەنس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قىلغان سۆزىدە يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىنى قوغداش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئامېرىكا ئىقتىسادىنى خىتاي سانائىتىدىن ئايرىۋېتىش تىرىشچانلىقىنى تېزلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت