ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 26-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ زۇۋان سۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا سۈرىيە، ئىران ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلىق 3 مەسىلە ھەققىدە توختالغان. مايك پومپېيو ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندا ب د ت نىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىنغا 30 نەچچە دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، مايك پومپېيو مۇنداق دېگەن: «پرېزىدېنت ترامپ ب د ت دا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلدى. بىز يىغىندا شاھىتلارنىڭ يۈرەكنى داغلىغۇدەك كەچمىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىق مەسىلىسى تېما قىلىنغان پائالىيەت ئۆتكۈزدى.»
مايك پومپېيونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە بۇ پائالىيەتكە 30 نەچچە دۆلەت قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇ «بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ 21-ئەسىرىدىكى بۇ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئاۋازىنى چىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق،» دېگەن.
پومپېيو بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 25-سېنتەبىر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» تەدبىرلىرىنى ئاقلىغاندىن كېيىنلا قىلدى. ۋاڭ يى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» تەدبىرلىرىنى «خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.