ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرگە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تەشۋىقاتى كۈچەيتىلمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆسمۈر بالىلار ۋە ياشلارغا قارىتىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.

خەلق تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش نامىدىكى بىر ھەرىكەتنى باشلىغان. بۇ پائالىيەتتە ھەرقايسى مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئارتىسلار «چاقماق تېزلىكى» دەپ ئاتالغان بىر خىل تەشۋىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق يەنى بالىلارنىڭ تەنەپپۇس ئارىلىقلىرىدا مەكتەپلەرگە كىرىپ، بالىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېما قىلىنغان بىر مەيدان نومۇر كۆرسىتىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ «چاقماق تېزلىكى» دەپ نام بېرىلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات ھەرىكىتى بۇندىن كېيىن مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، ئىدارە-ئورگان، كارخانا، دوختۇرخانا ۋە قىسىملاردىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىمۇ 20-دېكابىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ياشلارغا «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھەققىدە تەربىيە بەرگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ خىلدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلماي تۇرۇپ، قۇرۇق تەشۋىقات ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىق يارىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.