شى جىنپىڭ خىتايدىكى «مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى» دا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش» نى تەلەپ قىلغان
2021.08.30
خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 27-ۋە 28-ئاۋغۇست كۈنلىرى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى» دا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى تېخمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن.
بۇ يىغىندا ئۇ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش» نى، «مىللەتلەر ئىشلىرىدىكى چوڭ خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەتەرلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش» نى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى مىللەتلەر سىياسىتىدە ئاتالمىش «تېرورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلىققا قارشى تۇرۇش» نى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
خىتاي «تېرورلۇق» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى باھانە قىلىپ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەن. يېقىندا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى قايتىدىن «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، يىغىندا شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «بىز ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. (بىز) مىللىي ئامىللارغا ئالاقىدار ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئاكتىپ ۋە پۇختا ھەل قىلىشىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئاشقۇنلىقنىڭ زەھەرلىك ئىدىيەلىرىنى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «تېرورلىققا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، كۆپ قىسىم دۆلەتلەر، خەلقارا تەشكىلاتلار، چەت ئەللەردىكى خىتايلار ۋە خىتايدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىش كېرەك،» ئىكەن. ئۇ يەنە دىققەتنى «جوڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشكە مەركەزكەلشتۈرۈش» نى تەكىتلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنى «جوڭخۇا مىللىتى مەنپەئەتىنى 1-ئورۇنغا قويۇش» قا چاقىرغان.