خىتاينىڭ داڭلىق «شېن ئاياللار مودا كىيىملىرى شىركىتى» خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنى كەمسىتكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، باشقا بىر ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئۇلارنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ شىركەت ئۇنىڭ نامىدا ئىشقا قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان ئورۇن ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلى 4-ئاي بىلەن 12-ئاي ئارىسىدا خىتايدىكى بىر ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى توردا «شېن ئاياللار مودا كىيىملىرى شىركىتى» گە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. ئۇنىڭدا «شېن ئاياللار مودا كىيىملىرى شىركىتى» نىڭ گۇاڭجۇدىكى زاۋۇتى ياكى ئامبىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭغا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلغان بۇ ئېلان خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
BBC نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كۆرگەن زاۋۇت ۋە ئامبارلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق «شېن ئاياللار مودا كىيىملىرى شىركىتى» بۇنداق بىر ئېلاننى تاپالمىغانلىقى شۇنداقلا بۇ ئېلاننى تەستىقلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىر ئىشقا قوبۇل قىلىش ئورنىنىڭ قانداق بولۇپ «شېن ئاياللار مودا كىيىملىرى شىركىتى» نىڭ خەۋىرىسىز ئېلان چىقارغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتايدا ئۇيغۇرلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىشتا كەمسىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.