20 ئادەمگە ھۇجۇم قىلغان پىچاقلىق خىتاي قاتىلنىڭ «ئەقلىدىن ئازغان» دەپ ئېلان قىلىنىشى مۇنازىرە قوزغىدى

28-ماي يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە چوڭ كوچىدا يۈز بەرگەن 2 ئادەمنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈشى، 18 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتىللىق ھۇجۇمىدا، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەگە سەۋەب بولغان گۇماندارنى «ئەقلىدىن ئازغان» دەپ ئېلان قىلىشى خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىدا مۇنازىرە قوزغىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا، 28-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا، گۇيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرى جېننىڭ ناھىيىسىدە پىچاقلىق بىر گۇمانداررنىڭ يولدىن ئۆتكەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، 20 ئادەمنى پىچاقلاپ يارىلاندۇرغانلىقى ۋە بۇلاردىن ئىككىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ 30 ياش ئەتراپىدىكى چېن فامىلىلىك بۇ قاتىلنى تۇتقاندىن كېيىن، مەزكۇر قاتىلنىڭ دادىسىنىڭ ئوغلىنى ئەقلىدىن ئازغان دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. ئەمما، خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىدىن مىڭباۋ گېزىتىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە، پىچاقلىق قاتىلنىڭ ھۇجۇمى 5 مىنۇتقا قەدەر داۋاملاشقانلىقى، كوچىدا كېتىۋاتقانلاردىن نۇرغۇن كىشىنىڭ پىچاقلىنىپ يىقىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ھۇجۇمچىنىڭ «ئەقلىدىن ئازغان ساراڭ» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي تورداشلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغالدى. مۇنازىرىلەر «ئەگەر بۇ قاتىل ئۇيغۇر بولسا قانداق خەۋەر بېرىلەتتى؟» ياكى «پىچاقلىق قاتىل كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلماي تۇرۇپلا، ساقچىلار «تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى مىنۇتتا بىر تەرەپ قىلىش» ھوقۇقىغا ئاساسەن ئۇنى ئېتىۋېتەمتى؟» دېگەندەك تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلدى. چەتئەللەردىكى فەيسبوك تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا بولسا، ئوخشاش تۈردىكى زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى ئەگەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە دەرھال «تېررورلۇق» قالپىقى كىيدۈرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.