تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مېرال ئاقشەنەر ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى خاتا تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاغزىنى ئېچىپ بىر ئېغىز سۆز قىلالماسلىقىنى مانا بۇ خاتا سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېرال ئاقشەنەر خانىم 22-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغاندا ھۆكۈمەتنى تاشقى سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ئەستايىدىل بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «قۇرۇق شوئار توۋلاش ئارقىلىق دىپلوماتىيەدىكى تەھدىتنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇش دېگەن سالمىقى ئېغىر ئىش. . . شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا (ئۇيغۇرلارغا) زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان خىتايغا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالماسلىق مانا بۇ ئىقتىدارسىزلىقنىڭ نەتىجىسى.»
مېرال ئاقشەنەر يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشتە يىراقنى كۆرۈپ ئىش قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ يېقىندا تۈركىيە روسىيەنىڭ S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «بۇمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىراقنى كۆرمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى» دېگەن.