مىسىر دائىرىلىرى مىسىر بىخەتەرلىك قوشۇنلىرى بىلەن سابىق پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا. شەنبە كۈنىدىن تارتىپ، 78 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغان.
ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى نامايىشتا ئوق چىقىرىلغان بولۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى مىسىر ساقچى كۈچلىرىنى تىنچ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بىراق، مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچىلارنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، نامايىشچىلار داۋاملىق ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادە قىلىۋاتقان بولۇپ، مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىخەتەرلىكنى بۇزىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كېررى مىسىر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، زوراۋانلىقنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ تىنچ يىغىلىش ۋە ئەركىن ئىپادە قىلىش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشىنى چاقىرغان.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمون مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدىن خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ زوراۋانلىقىنى تاشلاپ، قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.