سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى


مىسىر سوتى سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى ۋە ئۇنىڭ 106 نەپەر قوللىغۇچىسىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر سوتى مۇھەممەد مۇرسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى، يەنى «مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى» تەرەپدارلىرىنى 2011 - يىلى، ئاممىۋى قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، ئۆلتۈرۈش ۋە سۇيىقەست قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە 2 - ئىيۇن كۈنى ئاخىرقى قارار چىقىرىلىدىكەن.

مۇرسى ۋە باشقىلارغا بېرىلگەن بۇ ئۆلۈم جازاسى تۈركىيە پرېزىدېنتى تايىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بۇ ھۆكۈمنى تەنقىد قىلدى.