مىسىر رەئىسى مۇھەممەد مۇرسى ئاغدۇرۇلدى

مىسىر ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ خىتابنامىسى بىلەن مىسىردا بىر يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان رەئىسى مۇھەممەد مۇرسى ئاغدۇرۇلدى.

مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇندىكى خىتابنامىسىدە مىسىر ئاساسىي قانۇنىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇردى، مىسىر ئالىي مەھكىمىسىنىڭ باش قازىسى ئەدلى ئەل مەنسۇرنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمنىڭ رەئىسلىكىگە بېكىتى ۋە ئۇزۇنغا قالماي رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەل-مەنسۇر پەيشەنبە كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىكەن.

چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن مىسىرنىڭ باش ھەربىي گېنېرالى ئابدەل فاتتاھ ئەل سىسى تېلېۋىزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، مۇرسىنىڭ رەسمىي ئاغدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كەينىدە مىسىردىكى نوپۇزلۇق ھەربىي، دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەر ئورۇن ئالغان ئىدى.

سىسى نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مىسىر ئاسىي قانۇنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلىدىكەن.

مۇرسىنىڭ فېيىسبوك بېتى ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ خىتابنامىسىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇھەممەد مۈرىسى مىسىردا نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دېموكراتىك يوسۇندا سايلاپ چىقىلغان رەئىسى بولۇپ، ئۇ 2012-يىل 30-ئىيۇن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇرسى نۆۋەتتە مىسىر قوغدىغۇچىلار ئەترىتى گازارمىسىدا پاناھلىنىپ تۇرماقتا ئىكەن.

گېنېرال سىسىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلغىنىدىن كېيىن، بۇ بىر قىسىم مىسىرلىقلارنى خۇرسەن قىلسا، مۇرسىنى قوللىغۇچى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنى غەزەپلەندۈرگەن.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، مىسىردا يەنە بىر مەيدان نازلىق نامايىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.