مىسىرنىڭ 2017‏-يىلدىكى تۇتقۇندا خىتايغا ياردەملەشكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.08.19

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىغا ياردەملەشكەنلىكىگە دائىر بەزى يېڭى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي بىلەن مىسىر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» كېلىشىمى ئىمزالىغان. خەۋەردە، كېلىشىم ئىمزالىنىپ 3 ھەپتىدىن كېيىن تۇتقۇن باشلانغانلىقى، تۇتقۇندا مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى، سوراق قىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشىگە ھەمكارلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي مۇتەخەسسىسى دەرېن بايلېرنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا «خىتاي دائىرىلىرىگە مىسىردا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھەرىكەت ئەركىنلىكى بېرىلگەن» ئىكەن. ئۆز ۋاقتىدا تۇتقۇن قىلىنىپ مىسىر قاماقخانىلىرىدا يېتىپ چىققان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان بەزى شاھىتلارنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۆزلىرىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقى ۋە سوراقتا «سوراقچىلارنىڭ ئىسمى ياكى كىملىكىنى ئېيتمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شاھىتلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، تورا تۈرمىسىگە قامالغان تۇتقۇنلار مىللەت تەركىبىگە قاراپ 3 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. ئۇيغۇرلار ئىككى گۇرۇپپىغا، خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، ئۇلارغا قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل رەڭ قويۇلغان. قايتۇرۇلىدىغانلارغا قىزىل رەڭ، داۋاملىق سوراق قىلىنىدىغانلارغا سېرىق رەڭ، قويۇپ بېرىلىدىغانلارغا يېشىل رەڭ بېرىلگەن.

ئابدۇمالىك ئابدۇئېزىز ئىسىملىك بىر شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندا بىر قانچە كۈن قاھىرەنىڭ ناسىر رايونىدىكى 2‏-ساقچى پونكىتىغا قامالغان. ئۇ شۇ يەردە 3 نەپەر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ، تورا تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن. شەمشىدىن ئەخمەت ئىسىملىك يەنە بىر شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ناسىر رايونىدىكى مۇسا ئىبن ناسىر مەسچىتىنىڭ ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇمۇ تورا تۈرمىسىدە 3 نەپەر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا قانچە ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تۇتقۇنلارنىڭ 90 دىن ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.