مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بۇ چاقىرىقنى 26‏-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتتا، مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا چۈشەنچە بېرىشى، ئەگەر بۇ، خەۋەرلەردە ئېيتىلغاندەك توغرا بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئۇچراتماسلىققا، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلارنى قوغداشقا چاقىرىلغان.

مىسىر ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن مىسىردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەقەدىن ئىككى يىل كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر پارتىيىنىڭ باياناتىدا، ب د ت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى، سىياسىي سوتلاش، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرلارغا قاماش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ، «ئۇلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىشى بىزدە، ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلسا، تەن جازاسى ۋە جازالاشقا، ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلماقتا» دېيىلگەن.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا 90 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە شۇ قېتىمقى تۇتقۇندىن كېيىن مىسىردا تۇرۇشلۇق 6 مىڭدەك ئۇيغۇردىن پەقەت 50 تەك ئائىلىنىڭلا قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.