دائىرىلەر خىتايچە «سەيشىن» تورىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، «مىسرانىم» ۋە «بوزقىر» دىن خەۋەر يوق

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئاخبارات تورلىرىدىن، نىسبەتەن خەلقچىللىقى بىلەن تونۇلغان «سەيشىن» تورى تاقىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر تور ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالىلەرنى پات-پات ئېلان قىلىپ تۇرۇۋاتقان، دائىرىلەر بۇ ماقالىلەرنى ئۇدۇللۇق ئۆچۈرۈۋېتىپ بارغان بولسىمۇ، تورغا مەخسۇس بىر جازا قوللانمىغان. ئۆچۈرۈلگەن ماقالىلەر يەنە باشقا تورلارنىڭ كۆچۈرۈپ بېسىشى بىلەن بىر مەھەل تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

يېقىندا 168 نەپەر ئادۋوكات مەزكۇر توردا بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان؛ ئوچۇق خەتتە دائىرىلەرنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ توردا تەشكىللىنىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى بىر ھۆججىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن. بۇ سەيشىن تورىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان. دائىرىلەر مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋابەن مەزكۇر تورنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تەشۋىقات ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ناچار مەزمۇندىكى يازمىلار بىلەن جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ تور تاقىۋېتىش جازاسى ئۇيغۇر رايونىدا ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىدىن بىرى. رايوندىكى مەشھۇر تورلاردىن مىسرانىم ۋە بوزقىر تورى تاقىۋېتىلگىنىگە بىرقانچە ئاي بولغان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھەقتە جەمئىيەت ياكى ئاخباراتقا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.