موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ ئايالى شىننا خانىم خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يوللاپ، يولدىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، شىننا خانىم مەكتۇپىدا يولدىشىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولدىشىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
50 ياشلار چامىسىدىكى خادا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ جازا مۇددىتى 2010-يىلى دېكابىردا توشقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرماقتا.
شىننا خانىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەقىبىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارغا كۆكخوتتىن رۇخسەتسىز ھالدا ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ كىرىم مەنبەسى بولغان كىتابخانىنى پېچەتلىۋەتكەن. بىراق قىزىقارلىقى، يەرلىك ساقچىلار شىننا خانىمغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ، چوڭ ئۆي ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شىننا خانىم بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ «بىزگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش ياردىمى كېرەك ئەمەس، بىزگە ئەركىنلىكىمىز كېرەك. ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقىمىز كېرەك. ئەگەر بىزگە بۇ ھوقۇقلىرىمىزنى بەرسە بىز ئۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ ياشىيالايمىز» دېگەن.