ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايەت زور ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا
2017.01.20
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۈگۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا 1.5 ترىلليون سوم (يەنى 218 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سالماقچى بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەبلەغنىڭ ئاساسىي قىسمى قاتناش ترانسىپورت ساھەسىگە سېلىنىدىغان بولۇپ، ھازىرقى مەۋجۇت ھۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئوخشاش تۈرگە سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمى سوممىسى 998 مىليارد سوم بولغان بولۇپ، ئاساسەن تۆمۈر يول، تېز سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىنغان. بۇ يىل بولسا ئۆتكەن يىلقى ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 50 % ئاشۇرۇلغان.
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ خىلدىكى قاتناش تىرانسپورتىغا ۋە ئېنىرگىيە يۆتكەشكە غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ زور كاپالەتكە ئېگە قىلىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېنىرگىيە بايلىقىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.