«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ھوقۇق، كىملىك ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە-كۆرگەزمە يىغىنى ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلاندى
2024.12.04
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش بولۇپ تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە-كۆرگەزمە يىغىنى 4-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلاندى. بۇ يىغىنغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ھەمكارلاشقان.
4-دېكابىر كۈنىدىن 7-دېكابىر كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ 3 كۈنلۈك يىغىندا ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا دائىر مۇھىم تېمىلار بويىچە ئىلمىي دوكلات بېرىش، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، رەسىم كۆرگەزمىلىرى ۋە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى. مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، ئىلمىي خادىملاردىن بولۇپ كۆپلىگەن كىشى قاتنىشىدۇ.
يىغىن 4-دېكابىر كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان بولۇپ، مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدىكى تونۇلغان زاتلار سۆز قىلدى.
كۈن تەرتىپكە ئاساسەن، 4-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ھوقۇق، كىملىك ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىگە تود سېتيىن (Todd Stein) قاتارلىق دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن.
5-دېكابىر كۈنى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىشى» ماۋزۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىقلار سۆز قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىغىنى 6-ۋە 7-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھەمدە ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرى بىلەن داۋام قىلىدىكەن.