مەشھۇر بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

ئامېرىكىلىق مەشھۇر بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى 3 - ئىيۇن 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئائىلە باياناتچىسىنىڭ ئاخباراتقا بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەلى يېقىندىن بۇيان نەپەس يوللىرى كېسەللىكى بىلەن ئارىزونادىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىىۋتقان بولۇپ، ئۇ شۇ جەرياندا جان ئۈزگەن.

مۇھەممەد ئەلى 1942 - يىلى 17 - يانۋار كېنتاكىي شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تۇغۇلغاندا قويۇلغان ئىسمى كاسيۇس كلەي بولۇپ ئۇ، 1964 - يىلى مايدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ئىسمىنى مۇھەممەت ئەلى گە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

مۇھەممەت ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنيا رەھبەرلىرى تەزىيەنامىلەرنى ئېلان قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇھەممەد ئەلىنى»قىسقا مۇددەت بولسىمۇ كۆرۈش ۋە بىلىش پۇرسىتى بەرگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئوباما يەنە مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئامېرىكا باشقا جايلاردىكى قارا تەنلىكلەر ھوقۇقى كۈرەشچىلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقى، بۇ جەيراندا»ئەڭ قېيىن شارائىتلاردىمۇ، يالغۇز قالسىمۇ تەۋرەنمىگەنلىكى» نى كۆرسىتىپ» ئۇ بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدى«دېدى.

مۇھەممەد ئەلى، 1964 - يىلىدىن 1966 - ئارىسىدا ئۇدا ئۇچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان.

ئۇ 1967 - يىلى ۋىيېتنام ئۇرۇشى ئۈچۈن ئەسكەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەشكە چاقىرىلغان بوسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەسكەر بولۇشتىن باش تارتقان. كېيىن ئۇ سوتقا تارتىلغان، ئامېرىكا ئالىي سوتى ئۇنىڭغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرنى ئاغدۇرىدۇ.

ئاخباراتلاردا نەقىل قىلىنىشىچە، شۇ يىلى بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا پۇقرالىق ھوقۇقى ھەرىكىتى يېتەكچىسى مارتېن لۇتېر كىڭ مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئەينى چاغدا ئۆز ئېتىقادى ۋە مەۋقەسى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىشكە ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.