«دېپلومات» ژۇرنىلىدا مۇنەۋۋەر ئابدۇللانىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى كورۇنا ۋىرۇسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-05
Share

5-فېۋرال كۈنى «دېپلومات» ژورنىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتايدا كەڭ يامراۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ئىبارەت تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

«ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى كورۇنا ۋىرۇسى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىقىپ، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش پائالىيەتچىلەردىن مۇنەۋۋەر ئابدۇللا يازغان. ئۇ ماقالىسىدە نۆۋەتتە خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» كەڭ تارقىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارىتا تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان زېمىندىكى خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان لاگېرلاردا قامىلىپ ياتقان 2 مىليون ئەتراپىدىكى تۇتقۇننىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغان. 

ئۇ ماقالىسىدە خىتايدا ۋىرۇس تارقىلىپ، پۈتۈن ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرى قامال قىلىنغاندىمۇ، ئۇيغۇر رايونىغا ئۇچۇدىغان ھاۋا ۋە تاشيول قاتناشلىرىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ھەققىدىكى ھەقىقىقي ئەھۋالنى بىلىش مۇمكىن بولمايۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىنتايىن زور تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئەسلىدىلا ئىنتايىن ناچار شارائىت، قېيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىق قاتارلىق تراگېدىيەلەر يۈز بېرىۋاتقان بۇ لاگېرلاردا ئەگەر كېسەللىك تارقالغان تەقدىردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ تۇتقۇنلارغا يېتەرلىك داۋالىنىش، كۈتۈنۈش پۇرسىتى بەرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا لاگېرلاردا زور كۆلەملىك ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئەسكەرتكەن. 

ماقالە ئاپتورى مۇنەۋۋەر يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتايدىكى ۋىرۇسنىڭمۇ قۇربانىغا ئايلانماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى، بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ئورگانلارغا «شەرقىي تۈركىستانغا ھەيئەت ئەۋەتىپ، لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ۋىرۇسقا قارشى خەلقئارالىق كۆرەش رامكىسى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش، لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك تىببى لازىمەتلەرنى ئەۋەتىش» قاتارلىق ئۈچ مۇھىم تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ماقالە بىلەن بىرگە يەنە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىمۇ باشلىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت